خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.28

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتايدىكى شىمالىي كورېيە شىركەتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت 12‏-سېنتەبىر كۈنى شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو قارارى ماقۇللاپ، شىمالىي كورېيەنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلغان شىركەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرز ئاگنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن خىتايدىكى شىمالىي كورېيە شىركەتلىرىنى، يەنى خىتاي بىلەن شېرىك سودا قىلىۋاتقان كارخانىلارنى 120 كۈن ئىچىدە تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۆمۈر ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق قوشنىسى بولۇپ، ئۇ يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئېكسپورت قىلىش، رېستوران ئېچىپ، ئېھتىياجلىق تاشقى پېرېۋوتقا ئېرىشىدىغان ئاساسلىق دۆلىتى ئىكەن.

رويتېرز ئاگنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا ب د ت نىڭ ئېمبارگو قارارىنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ يىل 8‏-ئايدا بىر مىليون 600 مىڭ توننا كۆمۈر ئىمپورت قىلغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ «ئېمبارگو كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.