خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» يىغىنى چاقىرىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.03.31

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» يىغىنىنى چاقىرىپ، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 31-مارت كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن چېڭ سۆز قىلىپ، «چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار قۇرۇلۇشلىرىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە توختىماي يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئۇسۇلنى يېڭىلىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇھاجىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» قاتارلىقلارنى شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتەك مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.