خىتاي بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىلارنى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئۈچۈن تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.26

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرىدىغان 126 نەپەر ئاتا-ئانىنى ئېكسكۇرسىيىگە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار 15 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ 1-نويابىرغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. ئەمما خەۋەردە، قانداق بىر ئېھتىياجنىڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇنداق بىر ئېكسكۇرسىيەنى تەشكىللىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. پەقەت خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ 2006-يىلدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئېكسكۇرسىيەنى تەشكىللەۋاتقانلىقى ۋە يۇرتلىرىغا قايتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ سەييارە تەشۋىقات بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكى سەۋەبلىك، بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا بېرىشتە ئىككىلىنىۋاتقان، تىركىشىۋاتقان ۋە ھەتتا قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يۇمشىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە، بۇ خىل ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ ئۆزلىرى بايقىغان سەلبىي ئىشلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.