خىتاي ۋاشىنگىتوندا «شىنجاڭدا بىر سوتكا» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.29

خىتاينىڭ جوڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۈشىچە، 28-مارت كۈنى ۋاشىنگىتون ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزىدە «شىنجاڭدا بىر سوتكا»نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان.

خىتاي خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى خىتاينىڭ «چەتئەللەردىكى شىنجاڭ مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شاۋچىنىڭ " شىنجاڭدا بىر سوتكا " نامىدىكى كۆگەزمە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەتئەللەردە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر خىتاي ، تەيۋەن، خوڭكوڭ ، ئاۋمىن قاتارلىق جايلاردىكى فوتوگرافلارنىڭ رەسىملىرى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «چەتئەللەردىكى شىنجاڭ مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى» خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات. مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاپ كېيىن غەرب دۆلەتلىرىگە ئولتۇراقلاشقان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان خىتايلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات ئىچىدە يەنە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن يىراق تۇرىدىغان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە مايىل بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.