شىۋېتسارىيە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.22

شۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

شىۋېتسارىيە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 16‏-نۆۋەتلىك شىۋېتسارىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 11-ۋە 12‏-ئىيۇن كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەدلىيە مەسىلىلىرى، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە شىۋېتسارىيە تەرەپنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، «بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ "قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى" غا قامىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

شىۋېتسارىيە-خىتاي كۆپ تەرەپلىمىلىك كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 1991‏-يىلى باشلانغان. خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىيالوگنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئەھمىيىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن. بەزى تەشكىلاتلار بۇ دىيالوگنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

شىۋېتسارىيە ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دىيالوگدا شىۋېتسارىيە تەرەپ يەنە خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلارغا قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى بۇ يىل 5‏-ئايدا د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىپ، يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى بىلەن كەسكىن مۇنازىرە يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. شىۋېتسارىيە ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۋېتسارىيە تەرەپ دىيالوگدا يەنە بەزى كونكرېت شەخسى دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن خەۋەردە قايسى كونكرېت دېلولارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.