سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئارسلان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.21

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار دۇنيا ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇئەييەن تارىخىي رىشتىسى بولغان شىۋېتسىيەدە بۇ مەسىلىنىڭ تېگىشلىك يوسۇندا ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئارسلان سامساقنىڭ يېقىندا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنى مەلۇم قىلىشى ئەنە شۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئون ياشقا كىرگەن ئارسلان سامساق يېقىندا شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ستېفان لۆۋېنغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى ۋە بىلگەنلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم قىلغان. شۇنىڭدەك شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقلىرىنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

15-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترۆم ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئارسلاننىڭ خېتىغا جاۋاب مەكتۇپ يازغان. جاۋاب مەكتۇپتا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئارسلاننىڭ مۇشۇنداق بىر زور ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدە سىياسىيونلارغا مەكتۇپ يوللاش غەيرىتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مارگوت ۋالسترۆمنىڭ جاۋاب مەكتۇپىدا يەنە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ساھەدىكى باستۇرۇشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەمدە شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېقىندىن بۇيان شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.