ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.16

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ گېن (DNA) تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆز گېنلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بەزى ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئارزۇسىغا يېڭى ئۈمىد تۇغۇلغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت مۇتەللىپوۋ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىنسان تۆرەلمىسىدىكى يۈرەك ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نورمالسىز گېن تەركىبىنى توغرىلاش ئارقىلىق ھەر خىل يۈرەك كېسەللىرى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات جەريانىدا ئۆزگەرتىلگەن گېن ئەگەر بىر ئايالنىڭ بالاياتقۇسىغا كۆچۈرۈلسە ئۇنىڭ بىر ساغلام بوۋاققا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئەمەلىي داۋالاشقا قوللىنىلىشىنى چەكلەپ تۇرماقتىكەن. ئەمما خەلق رايىنى سىناشتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى «بۇ تەتقىقات ئەمەلىيەتكە تەتبىقلانسىكەن دېگەننى ئارزۇ قىلىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.