شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي بېكىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-25
Share


تېخى يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن شۆھرەت زاكىر 24 - يانۋار كۈنى رەسمىي تۈردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى يېزىشماقتا.

خىتاينىڭ «سىنا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر 24 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 12 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 530 ۋەكىل قاتناشقان يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق رەئىسلىككە سايلانغان.

يىغىنغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئەسلىدە، شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلگىرى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان نەيىم ياسىن تەيىنلەنگەن.

2015 - يىلى كىرىشى بىلەنلا بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، شۆھرەت زىكىرنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسىلىكىگە تەيىنلىشى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان ۋە خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالغان ئىدى. سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى شۇ ۋاقىتتىلا شۆھرەت زاكىرنىڭ رەئىسلىك ئورىنىڭ رەسمىيلىشىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئاۋاز بېرىش، ئەمەلىيەتتە قاراردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس بولىدىغان كىشىنىڭ ھېچقاچان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى، ئارقىلىق رەئىس بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت