شۆھرەت زاكىر قەشقەردە چاغانلىق پانۇس ئاسقان ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر 12‏- ۋە 13‏-فېۋرال كۈنلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە چاغانلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش داۋامىدا ئۆيىگە پانۇس ئاسقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئائىلە زىيارەتلىرى داۋامىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. ئۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى ئۆيىگە پانۇس ئاسقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن ئەيسا ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر يېزىدا تۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى» نى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىللە ئولتۇرۇپ-بىللە قوپۇشقا، بىر ئۈستەلدە غىزالىنىشقا، بىللە مۇڭدىشىشقا ۋە بىللە ھېساب-كىتاب قىلغاندىمۇ بىللە بولۇشقا» دەۋەت قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئائىلە مەخپىيەتلىكىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققان بۇ چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلىرى تاكى 13 ‏-فېۋرال كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى خىزمەت زىيارىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋام قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئوبيېكتى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» دىكى مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئورامىدىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل چاغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پانۇس ئېسىش-ئاسماسلىقىنى «ئەسەبىيلىك» ئالامىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا باغلاپ قاراۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.