شۆھرەت زاكىر: «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا قىرغىز يوق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا قىرغىزلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ «24 ك گ خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 25‏-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئاگېنتلىققا بەرگەن ئۇچۇرىدا شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا قىرغىز يوق» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۆھرەت زاكىر بۇ سۆزلەرنى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىنگىز ھەيدەربېكوف يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان. ھەيدەربېكوف 22‏-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ئىدى.

«24 ك گ خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيارەتتە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر قاتارىدا رايوندىكى «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئېتنىك قىرغىزلارنىڭ مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. شۆھرەت زاكىر بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» ئىكەنلىكى، كىشىلەرنى ھەر خىل ساھەلەردە تەربىيەلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىلىم ۋە كەسىپ ئىگىلەپ، خىزمەت تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەيدەربېكوفنىڭ زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 25‏-فېۋرال باشلانغان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ دەل ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«24 ك گ ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، «قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىقى ئورۇنلاردىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا مەلۇماتى يوقلۇقىغا دىققەت قىلغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى تاراتقۇلار چىنگىز ھەيدەربېكوفنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، شۆھرەت زاكىر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ھەيدەربېكوفنىڭ لاگېرلاردىكى قىرغىزلارنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.