شوتلاندىيە مۇستەقىللىققە ئىنتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.02.16

ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقنى ئاستىدىكى شوتلاندىيە مۇستەقىللىققە ئىنتىلمەكتە.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە كونتروللۇقى ئاستىدا ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى « مۇستەقىللىق ئاق تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىپ، شوتلاندىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شوتلاندىيە ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا يەنە مۇستەقىل بولۇش - بولماسلىق ھەققىدە ئومۇمىي ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزگەن.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى جوسې مانۇئېل بارروسو شوتلاندىيىنىڭ كېلەچىكىنى پەقەت شوتلاندىيىلىكىلەر ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ, دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ يەنە شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇقۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شوتلاندىيە 1707 - يىلىغىچە مۇستەقىل دۆلەت بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە تەۋەلىكىدە ئۆز ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە باشقا دۆلەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا ئىگە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىدا ياشىماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.