شوتلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «تۇغقانلىرىمىزنى قاچان كۆرىمىز؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە تەقىبنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېغىر روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق قىسمەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. «شوتلاندىيە تېلېۋىزىيىسى خەۋەرلىرى» نىڭ 20-ئۆكتەبىر سانىدا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلغان ھالدا بۇ ئەھۋال يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

تەسنىم نەزەر ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا 2015-يىلىدىن بۇيان شوتلاندىيەدە مۇھاجىرلىق ھاياتىنى باشلىغان ئابدۇلئەھەد ئائىلىسىنىڭ سەرسانلىق قىسمىتى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئە يورۇتۇپ بېرىلگەن. بولۇپمۇ ئابدۇلئەھەدنىڭ بىر پۇقرا ئۈچۈن ئەقەللىي ھەقلەردىن ھېسابلىنىدىغان پاسپورت ئۈچۈن خىتاي «بىدىك» لىرىگە 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پارا بېرىشى، ئايالىنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، سىڭىللىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغماس قىلىۋېتىلىشى دېگەنلەرگە قوشۇلۇپ ئەمدىلىكتە ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىمۇ بىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى ئۇنى ئائىلە بويىچە ئېغىر روھىي بېسىمغا گىرىپتار قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈۋېلىش بىز ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت» دېگەن.

ئەھمەد ئائىلىسى بولسا ھازىرغىچە ۋەتەندە قالدۇرۇپ قويغان ئىككى پەرزەنتىنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىشكە ئىلاج قىلالماستىن ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىدە پۇچۇلىنىپ يۈرىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. گەرچە يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئەھمەدكە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ھەققىدە بەزى پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭدا تېخى ئەمىلىي تەدبىر ئېلىش باسقۇچىغا ئۆتمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بۇ خىل جۇدالىقنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىشىغا ھېچكىم بىرنەرسە دېيەلمەيدىكەن. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمىتىمىز ئەمدى ھەركەتكە ئۆتمىسە بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت