رۇسىيە تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن سىبىرىيە يولۋىسى خىتايدا ئوۋلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن سىبىرىيە يولۋىسى ئامۇر دەرياسىدىن ئۆتۈپ خىتايغا قاراپ كەتكەن. بۇ مەزكۇر يولۋاسنى كۆزىتىۋاتقان خادىملارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ يولۋاس خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ قالسا ئوۋلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.

«كۇزيا» دەپ نام بېرىلگەن، 23 ئايلىق سىبىرىيە يولۋىسىڭ بېقىلىشى ۋە تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىشىگە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ ئارىلاشقان بولۇپ، بۇ يولۋاس «پۇتىننىڭ يولۋىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر يولۋاسنى كۆزىتىۋاتقان خادىملار يولۋاسنى خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ رادىئو سىگنالى ئارقىلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى قاراڭغۇ بازاردا سىبىرىيە يولۋىسى كۆپ پۇلغا يارايدىغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر يولۋاسنىڭ ئوۋلىنىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن.

بىر قىسىم خىتاي بلوگچىلارمۇ مەزكۇر يولۋاسقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان.

بىر بلوگچى مۇنداق يازغان: «بۇ بىچارە يولۋاسنىڭ باي ئەمەلدارنىڭ ئۆيىدىكى پالاسقا ئايلىنىپ كېتىشىگە قانچە ئۇزۇن قالغاندۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خەتەر ئاستىدىكى سىبىرىيە يولۋىسىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي ھەر يىلى 40 تىن ئارتۇق سىبىرىيە يولۋىسى ئوۋلىنىپ، خىتاي تېبابىتىنىڭ رېتسېپىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت