سىنگاپور خىتاي نەسىللىك بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ سىنگاپورغا قايتا كىرىشىنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سىنگاپور ھۆكۈمىتى سىنگاپوردىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي نەسىللىك بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ چەتئەل جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئۇنىڭ سىنگاپورغا قايتا كىرىشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىنگاپور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خۋاڭ جىڭ ئىسىملىك بۇ تەتقىقاتچىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ۋە جاسۇسلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى كۆرسەتكەن. 

ئەمما ئۇلارنى، ئۇنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى شەرھلىمىگەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، خۋاڭ جىڭ سىنگاپوردىكى نوپۇزلۇق لىگۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئورنىدا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن نامەلۇم دۆلەتنى ياقىلايدىغان پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان ئىكەن. 

مىنىستىرلىق ئۇقتۇرۇشىدا خۋاڭ جىڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ياڭ شيۇپىڭنىڭ سىنگاپوردا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىمتىيازىنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىنگاپورغا قايتا كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە خۋاڭ بىلەن يۇقىرىقى قارار توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باياناتتا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە نەقىل ئېلىشىچە خۋاڭ مۇنداق دېگەن: «مېنى بىر ‹يات ئەلنىڭ تەسىر پايدا قىلىش جاسۇسى› دەپ بېكىتىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئەگەر شۇنداق ئىكەن، ئۇلار نېمىشقا ئۇنىڭ ئامېرىكىمۇ ياكى خىتايمۇ-قايسى دۆلەت ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ؟»

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ياردەم ئىستەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان. 

خەۋەردە «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خۋاڭ جىڭ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ياقلايدىغان ماقالىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش بىلەن تونۇلغان تەتقىقاتچى ئىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، سىنگاپور ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خۋاڭ جىڭنىڭ سىنگاپوردىكى داڭلىق ۋە تەسىرى زور زاتلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلارغا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان نامەلۇم دۆلەت ھەققىدىكى «ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە مەلۇماتلار» نى يەتكۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ شۇ نامەلۇم دۆلەت ھەققىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. 

خۋاڭ جىڭنىڭ لىگۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىغا سىنگاپورنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش قەستى بىلەن بەرگەن ئۇچۇرلىرى سىنگاپور ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارغا يەتكۈزۈلگەن ئىكەن. 

ئەمما، باياناتتا بۇ ئاتالمىش «ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە مەلۇماتلار» نىڭ قانداق مەلۇماتلار ئىكەنلىكى ھېچقانداق شەرھلەنمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت