ئۇيغۇر دىنىي زاتلار دىنىي ئەركىنلىككە چەك قويۇلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.01.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشقا باھانە بولۇۋاتقانلىقى كەڭرى بىلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنى ئالدىغا چىقىرىپ «ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ» دېگەننى تەكىتلىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھىندونېزىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سوئال سورىغان. ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «ھازىر شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد پۇقرالارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق» دېگەن. شۇنداقلا «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سەككىز تارماق مەكتىپىدە ئۈچ مىڭچە دىنىي زاتنىڭ تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى، 2020-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 1280 كىشىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ گۇۋاھنامە ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىرلارنىڭ يەنە بىر سوئالى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە بولغان. مۆھتەرەم شېرىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىي ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە چەتئەلگە چىقىشى ياكى چەتئەللىك دىنىي زاتلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇشىغا ھېچقانداق توسالغۇ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھالنى كەسكىن تەنقىدلەپ «پەرزەنتلىرىگە دىنىي ئىسىم قويغان كىشىلەرنى لاگېرغا قامىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە گەپ سېتىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن نومۇسسىزلىق. ئۇلار دىنىي زاتلارنى مۇشۇ خىلدىكى يالغاننى ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ دۇنيانى ئالدىماقچى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالداۋاتىدۇ» دېدى. يەنە بەزىلەر بولسا ھەقنى سۆزلەشتىن يانمىغان دىنىي زاتلارنىڭ مىڭلاپ قاماققا مەھكۇم بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق ھەممىلا دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە سادىق بولالماسلىقى ھازىرقى رېئاللىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت