خىتاي ھۆكۈمىتى سىرىلانكادىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

21-ئاپرېل كۈنى سىرىلانكادا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارادىكى ھەرقايسى چوڭ مەتبۇئاتلاردا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە نۇرغۇن ئىنكاسلار ئېلان قىلىنماقتا. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە سىرىلانكادىكى پارتلاش ۋەقەسىگە قارىتا «تېررورچىلارنىڭ دىنىي قىساسخورلۇقى كونترول قىلىنىشى كېرەك» ناملىق تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 24-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، سىرىلانكادىكى پارتلاش ۋەقەسى ئىسلامىي ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا يېڭى زېلاندىيەدە بىر مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، ناماز ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «دىنىي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدە يۇقىرىقى ئىككى ۋەقەگە «دىنىي توقۇنۇش» ئەمەس، بەلكى تېررورچىلارنىڭ «دىنىي ئۆچمەنلىك ھەرىكىتى» دەپ نام بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا زەربە بېرىشتە ئىزچىل ئاۋانگارت ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، قاتتىققول تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «دىنىي ئاشقۇنلار» نىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قامالغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى قاتلىمى ۋە دىنىي ساھەدىكى سەرخىللىرىنىڭ باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشلىرىغا باھانە ۋە ئاساس تېپىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت