ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى مەمۇرلۇق خىزمىتى ئۈچۈن جىددىي تۈردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.08.27

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەمۇرلۇق خىزمىتى ئۈچۈن جىددىي تۈردە جەمئىيەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان 121 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. 22 - ئاۋغۇستتىن بۇيان تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن ياشلار سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ قاتمۇ - قات تەكشۈرىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئارقا كۆرىنىشى بىلەن كومپارتىيەگە بولغان ساداقىتى تەكشۈرۈلۈپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلەر سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىكى رەسمىي ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

يېقىنقى يىللارداىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئادەم كۈچىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرغانلىقى مەلۇم. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە باكلاۋېرلىق ياكى ماگېستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان زور ساندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق ھالدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىغا تەقسىم قىلىنماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىققا بولغان جىددىي ئېھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.