ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي-ئىدىيە تەشۋىقاتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.15

خەلق تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 13-دېكابىر كۈنى كۇچادا «ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتى» بويىچە نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، خىتاي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ» نى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ھۇلىنى پۇختىلاشنى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلاملارغا ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيە بېرىش يىغىنلىرىنى كۆپەيتىش، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا، كەنتلەردە مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى تەشكىللەش، ئاممىنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشنى بۇيرىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام بىلەن ئاھالىلەرنى ئۇسۇل ئويناش، ئارغامچا تارتىش، چېلىشىش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە مەجبۇرىي ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە تىبەت ئاپتونوم رايونىنى باشقۇرۇشتىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرى بىلەن تونۇلغان چېن چۈئەنگونىڭ ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىشقا سېلىپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ بىر قەدەم چىڭىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.