ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى: ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ئۇنتۇلمىسۇن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.12.09

10-دېكابىر«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز، ئاتىكەم روزى، مۇتەللىپ ئىمىن، ھۈسەيىن جېلىل، ئابدۇرازاق شەمشىدىن، ئەكبەر ئىمىن ۋە مەردان سېيىتاخۇن قاتارلىق 8 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراش ۋە مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بۈگۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى يېقىندا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلىغان ئىدى.

تەشكىلات تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى باياناتىدا، ھېسداشلىق قىلغۇچى ۋە قوللىغۇچىلارنى مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاشقا ۋە ئىمزا توپلاشقا دەۋەت قىلدى.

تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى خىتاي تەرەپكە ئەسلىتىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.