خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا داۋاملىق زەربە بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

28-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا تارقىتىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ساھەسىگە قارىتا «تۈپتىن ئۆزگەرتىش ۋە سىياسىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى يۈرگۈزۈش ھەققىدە قارار چىقارغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىغا ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئالدىنقى 3 نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ 3 نۆۋەتلىك رەھبىرىدە كۆرۈلگەن بۇ «مەسىلە» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ ساھەدىكى «سىياسىي ئېكولوگىيە» نى تۈزەشنى زۆرۈر، دەپ قارىغان.

2017-يىلى 3-ئايدا خىتايدىكى خەۋەر تورلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات مەخمۇتنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق» سەۋەبىدىن «تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى خەۋەر قىلغان.

ئاندىن دائىرىلەر يەنە ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ 2008-يىلى ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ بولغان سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىمۇ قولغا ئالغان. رادىيومىز ئۇنىڭ 2017-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بېرى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش» ۋە «قارا گۇرۇھ» لارغا، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» گە قارشى تۇرۇش دېگەندەك ناملار ئاستىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەت نىيازنى «ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈشكە ئالغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت