بايىنغولىندا 3000 نەپەر كادىر سىياسىي-قانۇن تەربىيەسى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.05.24

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئاممىغا قاراتقان سىياسىي-ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن، «تەڭرىتاغ» تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 3000 نەپەر كادىر ھازىر كوچا-كوي ۋە ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ، خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى»، «نازارەتچىلىك قانۇنى» نى چۈشەندۈرۈش ۋە رايوندا بارلىققا كەلگەن ئاتالمىش «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» نى تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ 20-ماي كۈنى باشلانغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن بايىنغولىندىكى «سىياسىي تەربىيە شامىلىنىڭ 500 مىڭ نەپەر كادىر ۋە ئاممىغا يېتىپ بارىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاش ئارقىلىق ئۇلارغا مەجبۇرىي ھالدا سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسى بېرىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇ لاگېرلاردىن ئامان قالغانلارنىڭمۇ سىرتتا تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ ھەرىكەتلەردە ياشلارنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

تېخى يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا «ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان كوممۇنىستىك ئىدىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، «ياشلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «باش نىشان» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەممە يەردە داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالمىش «باش نىشان» نىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالماي كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.