دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى ساھەسى بويىچە كەسپىي ئۇنۋان بېرىلگەن خادىملارنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغان

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى پۈتۈن رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا كەسپىي ئۇنۋان باھالىشى ئېلىپ بارغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 27-دېكابىر كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى ساھەسى بويىچە كەسپىي ئۇنۋان بېرىلگەن خادىملارنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغان.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، 33 كىشىگە ئالىي سىياسىي تەتقىقاتچى، 48 كىشىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىياسىي تەتقىقاتچى، 33 كىشىگە ياردەمچى تەتقىقاتچى ئۇنۋانى بېرىلگەن.

سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى ساھەسىدە كەسپىي ئۇنۋان بېرىلگەن يۈز نەچچە كىشى ئىچىدە پەقەت 3 نەپىرىلا ئۇيغۇر بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردا تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي خادىملار ئىكەن.

خىتايدا ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا كەسپىي ساھەدىكىلەر ئۈچۈن كەسپىي ئۇنۋان سىستېمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەمۇرىي ساھەدىكىلەر ئۈچۈن ئايرىم دەرىجە سىستېمىسى تۇرغۇزۇلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىم رايوندا سىياسىي-ئىدىيە تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا كەسپىي ئۇنۋان بېرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بىردەك، دائىرىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كومپارتىيەنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىياسىي مەدداھلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.