سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن كۆپلەپ چېكىنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.07.19

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن كۆپلەپ چېكىنىپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نىككېي ئاسىياغا نەزەر» ناملىق تۆت ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشقا باشلىغاندىن بېرى ئەپېل، نىنتەندو، دېلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تىن ئارتۇق خەلقئارا شىركەت ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرىنى يۆتكەپ چىقىشقا كىرىشكەن.

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغان ئۆتكەن يىلدىن بېرى ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 25% باج قويغان. نۆۋەتتە، پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ يەنە 325 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا باج قويىدىغانلىقىنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرماقتا.

«نىككېي ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلىدا قەيت قىلىنىشىچە، سودا ئۇرۇشىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا شىركەتلەر كارخانىلىرىنى خىتايدىن يۆتكەپ چىقىشنى پىلانلىماقتا ياكى يۆتكەپ چىقىشنى ئويلاشماقتىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى HP بىلەن DEL نىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ 30% نى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئېيتىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى ئەگەر ئۆزىنىڭ خىتايدىكى 15% تىن 30% كىچە بولغان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ھىندىستانغا يۆتكىسە، ئۇنىڭغا قانچىلىك چىقىم كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە يەنە ياپونىيە نېنتەندو شىركىتىنىڭ بىر قىسىم كارخانىلىرىنى ۋىيېتنامغا يۆتكەپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بۇ يىلنىڭ 2‏-چارىكىدە 2.6 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرىتىنىڭ يېقىنقى 27 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم 2.6 پىرسەنتكە چۈشۈشىدۇر. پرېزىدېنت ترامپ بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى تۋۋىتىردا يوللىغان يازمىسىدا، «ئامېرىكىنىڭ باج قويۇشى شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ، باج قويمىغان دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. مىڭلىغان شىركەتلەر چېكىنىپ چىقماقتا. مانا بۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەبتۇر» دېگەن. رويتېرسنىڭ 19‏-ئىيۇل تارتقاتقان يەنە بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت، ئائىلە ۋە شىركەتلەرنىڭ قەرزى شىددەتلىك تارتماقتىكەن. خەۋەردە، ھۆكۈمەت، ئائىلە ۋە شىركەتلەرنىڭ ئومۇمى قەرزى بۇ يىلنىڭ 1‏-چارىكىدە خىتاي ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 303% گە توغرا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.