ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-12-13
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 48 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن، سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇسلارغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2019-12-13
گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق تۈرك پۇتبول چولپىنى، ئىسپانىيە ئارسېنال كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى مەسئۇد ئۆزىل 13-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېردا پىكىر يېزىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
2019-12-13
خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قايتا بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» پرىنسىپلىرىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-12-13
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13-دېكابىر جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان 160 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2019-12-13
ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورى 13-دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2019-12-12
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەمدە زور كۆلەملىك باستۇرۇش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور غۇلغۇلىسىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىندونېزىيە دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويدى.
2019-12-12
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تورلاشقان نازارەتنىڭ ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ چىققانلىقى كۆپ تەرەپلەردىن مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدا نۇقتىلىق پايلاش نىشانىغا ئايلىنىشى بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك ھادىسە ئىكەن.
2019-12-12
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم ئادەم بېدىكلىرى پاكىستاننىڭ نامرات رايونلىرىدا يەرلىك قىز-چوكانلارنى خىتايدىكى «بايلارغا خوتۇن بولۇش» قا قىزىقتۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاياللار ئاساسىي جەھەتتىن خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدىلا 15-16 ياشقا كىرگەن گۆدەك قىزلار ئىكەن.
2019-12-12
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندىي شرايۋېر 12-دېكابىر كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ زور دەرىجىدىكى ھەيرانلىقىغا سەۋەب بولدى.
2019-12-12
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قارا چاپلاشتا ئەيىبلىگەن ھەمدە لاگېردىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2019-12-11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىچ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا زور رول ئوينىغان كانادا پۇقراسى ئولسى يازىجىنىڭ ئالبانىيەدىكى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىدى.
2019-12-11
10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق» كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تىلغا ئېلىندى.
2019-12-11
كانادانىڭ ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2019-12-11
خىتاي دۇنيادا مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالاندى.
2019-12-11
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 3-دېكابىر كۈنى 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى» نى بۇ يىل ئاياغلاشماي تۇرۇپ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پائال ھەرىكەتكە كەلدى.
2019-12-10
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ دەلىل كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
2019-12-10
ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار 9-دېكابىر كۈنى نامايىش قىلىپ، ب د ت نى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان.
2019-12-10
ياۋروپا ئىتتىپاقى 9-دېكابىر ئۆزىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللاپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2019-12-10
10-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ياكى جازالانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2019-12-10
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى ھۇجۇمى كەڭ كۆلەملىك داۋام قىلماقتا.
2019-12-09
ئامېرىكا
لايىھەئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9-دېكابىر بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى، لېكىن يېڭى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بۇ لاگېرلارغا داۋاملىق كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-12-09
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2019-12-09
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىلىق ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا قارشى چىققان.
2019-12-09
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 8-دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللىشى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە چاقىردى.
2019-12-09
يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى ئىنستىتۇتى» خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى 24 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.
2019-12-06
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئادەم لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىق ئېلىش-ئالماسلىق مەسىلىسىدە ھېچقانداق تاللاش ئەركىنلىكى يوق ئىكەن.
2019-12-06
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىغا قارىتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
2019-12-06
مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى لېئو خيۇساكوس بىلەن تەن خاينو ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2019-12-06
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرىقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مالىيە ئىمبارگوسى قويۇشى كېرەك ئىكەن.
2019-12-06
قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى 6-دېكابىر كۈنى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ سىياسى پاناھلىق سورىغان ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنىر ئېلان قىلغان.