خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بايقال كۆلىنىڭ سۈيىنى تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇپ كېلىش پىلانى تۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.01

يېقىندا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلىدىن گەنسۇغا سۇ يەتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رۇس تىلىدىكى «ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنى مەنبە قىلىپ تاراتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇ شەھىرىدىكى شەھەر ۋە يېزا پىلانلاش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى بايقال كۆلىدىن، گەنسۇنىڭ چىلەنشەن تاغلىرى رايونى ۋە لەنجۇ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان 1700 كىلومېتىرلىق تۇرۇبا ياتقۇزۇپ، بايقال كۆلىنىڭ سۈيىنى بۇ جايلارغا توشۇپ كېلىپ، ئېغىرلىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بىر پىلان لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر پىلاننى تۈزگۈچىلەر بۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەمما، مەزكۇر پىلاننىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينى رۇسىيەنىڭ سۇ مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ھەتتا رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئالېكساندىر تكاچيوۋ رۇسىيەنىڭ ئالتاي ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 70 مىليون كۇبمېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش، ھەتتا بۇنى بىر مىليارد كۇبمېتىرغىچە يەتكۈزۈش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

رۇسىيە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بايقال كۆلىنىڭ ساياھەتچىلىك ۋە سۇ ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ھەتتا خىتاي بايقال كۆلىدە سۇ چەككىلەپ بۇتۇلكىلارغا قاچىلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 4 زاۋۇت قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. ئەمما بۇ، مەزكۇر رايوندىكى بۇريات مىللىتىنىڭ، بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇريات مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ بايقال كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.