خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلغانغان سۇ مەنبەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «دەريا باشلىقى» تەيىنلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقان تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 285 نەپەر دەريا باشلىقى تەيىنلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ دەريا باشلىقلىرى 2 رايون دەرىجىلىك، 19 ۋىلايەت - ئوبلاست، 64شەھەر - ناھىيە ۋە 196 يېزا - بازار دەرىجىلىك دەريا باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەريا باشلىقلىرى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىكەن. ئەگەر مەلۇم دەريا باشلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىكى سۇدىن مەسىلە چىقسا، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە تولۇقلاش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارماقتا. چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەنىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى، دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن قۇرۇپ، چۆللىشىشكە يۈزلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مىليونلاپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىغا خىرىس پەيدا قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىلگىرى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، 1950-يىلىدىن بۇيان رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش ۋە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن تارىم دەرياسىغا تۇتۇشىدىغان ئالاھازەل 400 دەريا ئېقىنى قۇرۇپ كەتكەنلىكى. ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرى قۇرۇپ ۋە قىسقىراپ، ھازىر 1300 كىلومېتىر ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى. يەر ئاستى سۈيى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، زور مىقداردىكى توغراقلىقلارنى قۇم بېسىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى سۇ بايلىقى مەنبەلىرىنى قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3481 دەريانىڭ ھەممىسىگە دەرىجە، بۆلەككە بۆلۈپ، دەريا باشلىقى بېكىتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە دەريانىڭ بىردىن باشلىقى بولغان.