خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.10.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى سېكېرتارىياتىنىڭ سېكرېتارى دۇ چىڭلىن باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ سۇ مەسىلىسى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۈيىنى تېجەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، پائالىيىتىنى باشلىدى.

10-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ گۇرۇپپا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سۇ مەسىلىسى بويىچە ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە دۇ چىڭلىن سۆز قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق سۈيىنى تېجەش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«شىنجاڭ گېزىت»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇ چىڭلىن باشچىلىقىدىكى مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقلىرىنى ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق سۇلىرى تېجەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە پائالىيەت قىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 1- 2- 3- ۋە 14-دىۋىزىيەلىرىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشى دىققەتنى تارتتى.

مەلۇمكى، سۇ مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم مەسىلە. بولۇپمۇ، جەنۇب ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئەمما، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولمايۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قالايمىقان ئېچىش تۈپەيلىدىنمۇ توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇغانلىقى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.