سۈرىيە خىمىيەۋىي قوراللىرىنى ب د ت غا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-09-09
Share

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيەدىن مەدەت تىلىپ موسكىۋاغا بارغان سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئەللىم، رۇسىيەنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىدە بار بولغان بارلىق خىمىيەۋىي قوراللىرىنى ب د ت غا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ ئۆز خەلقىگە خىمىيەۋىي قورال ئىشلىتىپ 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىگە قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، بۈگۈن يەنە سۈرىيە ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىشنىڭ، قول تىقىشقا قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ زۈرۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈنكى باياناتى ئارقىلىق سۈرىيەدە بار بولغان خىمىۋىيەۋىي قوراللارنى ب د ت ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە يوق قىلىۋېتىشىگە قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت