ئوباما ئامېرىكا خەلقىدىن سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەھدىتىنى داۋام قىلدۇرۇشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.09.11

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سەيشەنبە تېلېۋىزىيىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا خەلقىدىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش بىلەن تەھدىت قىلىشنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

باراك ئوباما سۆزىدە، سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى خەلقئارالىق ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولۇشى سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز ئالدى بىلەن مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى، دېگەن. ئەمما ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتىنىڭ دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئوباما سەيشەنبە كۈنىدىكى نۇتقىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنىمۇ پۈتۈنلەي چەتكە قاقمىغان. ئۇ بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى چەكلىك دائىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ يەنىلا زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان ۋە خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ سۆزىدە «مەن ئىككى يىلدىن بۇيان باشقىلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئارىلىشىشقا قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما بۇ كۆز قارىشىم 21-ئاۋغۇست كۈنى يەنى بەشەر ئەسەد ئۆز خەلقىگە قارشى خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشقا سالغان كۈنى ئۆزگەردى» دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشلىتىشكە قارشى قانۇن-بەلگىمىلەر ئىجرا قىلىنمىغان تەقدىردە، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە خىمىيىۋى قوراللارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلققە قارشى ۋە ھەتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوباما سۆزىدە، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پەقەتلا ئەسەدنىڭ ئىككىنچىلەپ خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكىگە ئوخشاش ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئۇرۇشقا ئايلانمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەمدى باشقا بىر ئۇرۇشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.