تۈركىيە سۈرىيىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە تۇپرىقىغا كىرگەن بىر سۇرىيە كۈرەشچى ئايروپلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان سۈرىيە ھەربىي ئايروپلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىمىنى تەبرىكلىگەن. بىراق، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەم ئەردوغاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ كۈنى مەزكۇر سۇرىيە كۈرەشچى ئايروپلانى ھىساب رايونىدا ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى قوشۇنلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپلاننىڭ ئۇچقۇچىسى پاراشوت بىلەن سەكرەپ ساق - سالامەت يەرگە چۈشىۋالغان. ئەسەد ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت