بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.22

بۈگۈن ئامېرىكادىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرىنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن بىر پارچە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى گېررىي شىخ تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ تىۋىتتېردا ئۆز خەۋىرى ھەققىدە توختىلىپ، «مەن سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ‹نېمە ئۈچۈن›، ‹قانداق بولۇپ› ۋە ‹قانداق بولماقچى›، دېگەن سوئاللار ھەققىدە سۆزلەشتىم،» دەپ يازغان.

بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-يىلىدىكى «5ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە نامايىشقا قاتناشقانلىق گۇمانى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىپىگە ئۇچرىغان ئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ھىكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇخبىر خەۋىرىدە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن كەلگەنلىكى، 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەچ بولغاندا بىر ئارىغا جەم بولۇپ، يەھۇدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئۆگىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە زۇلۇمغا، قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتىقام ئېلىشتەك بىر نىيەت بىلەن سۈرىيەگە كېلىپ قالغانلىقىدەك جەريانلارنى ئەتراپلىق بايان قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دەپ يازغان: «بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ، سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان 9 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدە جىھاد چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا قۇراللىقلار بىلەن ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقى نامايەن بولدى.»

خەۋەردە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: «ئەلىنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ قېلىش سەۋەبى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيەدە سۆزلەشكەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش. يەنى ئۇلارمۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن قاتناشقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكىدەك جىھادنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ئىسلامدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئىچىدە بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلار بىلەن تونۇشمىغان ئىكەن.»

خەۋەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۇ يەردە شەرىئەت قائىدىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئاخشاملىرى ياشلارنىڭ مويسىپىتلار بىلەن ئولتۇرۇپ تارىخ ۋە سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرىلەرنى قىلىدىغانلىقى، قىسقىسى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ خىتايغا قايتىپ ئۆز خالقىنىڭ ھۈررىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىۋاتقان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تىۋېتتېر تورىدا بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.