بەشەر ئەسەد سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.02.24

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد چارشەنبە كۈنى ھەپتە ئاخىرىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ سۈرىيە دۆلەت ئۇچۇر ئاگېنتلىقىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، بەشەر ئەسەد رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن چارشەنبە كۈنى تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا پۈتۈشۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇرۇش توختىتىش پىلانى دائېش، ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيە بۆلۈمى ۋە ئەلنۇسرە فرونتى دەپ ئاتىلىپ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تىزىمغا ئېلىنغان تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىشتە مەزكۇر تىنچلىق پىلانىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىدىغان ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كرېمىل باياناتچىسى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىران پرېزىدېنتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى پۈتۈشكەن سۈرىيەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 27-فېۋرال كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.