سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدا ئۆزئارا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.09.20

سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى ئىسلامى كۈچلەر بىلەن دېموكراتىك كۈچلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پارتلاپ چىقتى.

ئالدىنقى كۈنى ئىسىلامچىلارنىڭ شام ئىسلام دۆلىتىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن، دېموكراتچىلارنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە قاراشلىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، ئىسلامىي كۈچلەر ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى كونتروللۇقىدىكى ئازاز شەھىرىنى تارتىۋالغان.

جۈمە كۈنى، دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى ئىسلامىي كۈچلەرنى تەنقىد قىلدى.

مەزكۇر ئورگان، ئۇنىڭ ھەرىكىتى سۈرىيە ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان پرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ پەقەتلا كونتروللۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەنە كۆز قاراش جەھەتتىكى پەرق ئىكەن.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى سۈرىيەدە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن. لېكىن، «شام ئىسلام دۆلىتى» ئۆزىگە شەرىئەت بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان.

ئىسلامى كۈچلەر قوراللىق ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى جەڭگىۋار كۈچلەر بولسىمۇ، بىراق غەرب «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە «ئەل‏-نۇسرا» قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ئەل-قائىدە تېررورلۇق گۇرۇھى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆكتىچىلەرنى بەزى ئەجەللىك قوراللار تەمىنلەشكە ئىككىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.