ئامېرىكا سۈرىيەدىكى مۆتىدىل كۈچلەرنى قوللاشنى ۋاقىتلىق توختاتماقچى


2015.10.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى تەربىيىلەش ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى كىرىستىن ۋورمۇت: «بىز ھەرىكىتىمىزنى بىر مەزگىل توختاتماقچى» دېدى.

جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرمۇ لوندوندا ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسىغا سادىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ پروگراممىنى تېخىمۇ ياخشىلاش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارى سۈرىيەدە ھۆكۈمەتكە ۋە ئىسلام دۆلىتىگە قارىشى جەڭ قىلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەملىرىدە نېگىزلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن.

ئامېرىكا سۈرىيەدە 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ۋە ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مۆتىدىل قوراللىق كۈچلەرنى قوللىغان ھەمدە ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ھەربىي ئەسلىھە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 500 مىليون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋورمۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى قارارىدىن كېيىن مۆتىدىل كۈچلەرگە بېرىلىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر ئاددىيلاشتۇرۇلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.