تەيۋەن مۇخبىرلىرىغا «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلىرى» تونۇشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 4-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سېھىرلىك شىنجاڭ: ئىككى قىرغاق مۇخبىرلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارەت پائالىيىتى» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدە خىتاي ۋە تەيۋەن تەرەپتىن كەلگەن 50 نەچچە مۇخبىر «تېرورلۇق ۋە ئ‍اشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇتۇقلىرى» ناملىق كۆرگەزمىنى كۆرگەن. كۆرگەزمىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپنىڭ ئاغزىدىن تەيۋەن مۇخبىرلىرىنىڭ «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

يالقۇن ياقۇپ مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئېچىش ھەمدە بۇ جايدا كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى بۆشۈكىدىلا تۈگىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭدا ھېچقانداق تېرورلۇق ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. ھازىر بۇ مەركەزلەرنىڭ ھەممىسى تاقالدى. ئۇ جايدىكى كىشىلەر يېڭىدىن خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىپ بولدى،» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ «مەركەز» لەرنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئەمەس، بەلكى «قۇتقۇزۇش ھەركىتى» نىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ بۇ جەرياندا لاگېر سىستېمىسىنىڭ مىليونلارچە كىشىنى تۈرمە شەكلىدىدىكى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ۋەيران قىلغانلىقى، قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا قامالغانلاردىن «جىنايىتى يەڭگىل» دەپ قارالغانلىرىنىڭ بارغانسېرى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھارپىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ تەشۋىقات ھەركىتىدىن ئىلگىرى تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خوڭ شيۇجۇ «‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› دېگەن گەپلەر ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توقۇپ چىققان يالغانچىلىقتۇر» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان ئىكەن. «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى خې چاۋدوڭ بۇنى كەسكىن تەنقىدلەپ: «خوڭ شيۇجۇ سېپى ئۆزىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇقامىنى تەكرارلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشى، شىنجاڭدىكى رېئاللىقنى قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەن ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەيۋەندىكى ئاشۇ خىل جامائەت پىكرى سەۋەبىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دەپ قارىماقتىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.