تەيۋەن 140 دۆلەت بىلەن ۋىزا ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.04.18


تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ ئەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن ھۆكۈمىتى 140 دۆلەت بىلەن ۋىزىسىز كىرىش، ئايرودرومدا ۋىزا ئېلىش ۋە ياكى ۋىزا ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىش مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى سۆزىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن پاسپورتىغا مۇنداق قولايلىق شارائىت يارىتىشى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما، ئارتون - كاپىتال پۇل - مۇئامىلە شىركىتىنىڭ پاسپورتلارنىڭ ۋىزا مەسىلىسىگە ئائىت تۇرغۇزغان رەت تەرتىپىدە تەيۋەن پاسپورتىغا 109 دۆلەتكە ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغانلىقى، ھەر قايسى دۆلەت پاسپورتلىرىنىڭ ۋىزىغا ئائىت ئۈنۈمى رەت تەرتىپىدە تەيۋەننىڭ 28 - ئورۇندا تۇرۇپ، خىتايدىن كۆپ ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە پاسپورتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پاسپورتىغا 147 دۆلەت ۋىزا تەلەپ قىلمايدىكەن. فرانسىيە، كورىيە ۋە گېرمانىيە ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، 145 دۆلەتكە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆز پاسپورتىغا 96 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.