ئۆتكەن يىلى رۇسىيەدىن 862 نەپەر تاجىكىستانلىقنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېلىنگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-19
Share


2014 - يىلى رۇسىيەدىن 862 نەپەر تاجىكىستانلىق جەسىتى ۋەتىنىگە توشۇپ كېلىنگەن بولۇپ، تاجىكىستان دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش، كېسەللىك ۋە ھادىسەلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بېكىتكەن.

تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا پلۇس»ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 2013 - يىلى رۇسىيەدىن 1006 نەپەر تاجىكىستانلىقنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇنداق ئەھۋال ئازلىغان.

تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، 2014 - يىلى تاجىكىستاندىن 834 مىڭ ئادەم سىرتقا كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 670 مىڭى رۇسىيەگە، 7 400 دىن ئارتۇق ئادەم قازاقىستانغا كەتكەن. بىر يىل ئىچىدە 606 مىڭ ئادەم قايتىپ كەلگەن. رۇسىيە دائىرىلىرى 2014 - يىلى دېكابىردا رۇسىيەدە 1مىليون 52مىڭ تاجىكىستانلىق بارلىقىنى ھېسابلىغان.

ھازىر تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئەمگەك كۆچمەنلىرى ئەڭ كوپ بارىدىغان جاي رۇسىيە بولۇپ، رۇسىيە مەزكۇر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان بىردىن بىر جايىغا ئايلانغان. بۇ جەرياندا ئۇلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا، ھەتتا مىللەتچى - ئىرقىچىلارنىڭ جىسمانىي ھۇجۇملىرىغا ئۇچرايدىكەن. نۆۋەتتە، رۇسىيەدە تۇرىۋاتقان ئۆزبېكىستانلىق، تاجىكىستانلىق ۋە قىرغىزىستانلىقلارنى مەسىلىسى جىددىي كۈن تەرتىپتە تۇرماقتا،

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت