تاجىكىستان-خىتاي «جىنايەتچى-گۇماندارلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تاجىكىستان پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى بىردەك ئاۋاز بېرىپ، تاجىكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچى-گۇماندار قاچقۇنلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

تاجىكىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى يۈسۈپ راخمانوۋ: «مەزكۇر كېلىشىم خىتايدا تۇرۇشلۇق تاجىكىستان پۇقرالىرىنى قوغداپ، خىتايدا جازاغا تارتىلغان تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ جازاسىنى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتەشكە ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بىراق بۇ كېلىشىم د ئۇ ق نىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «بۇ كېلىشىم تاجىكىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ» دېدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تاجىكىستان ئىلگىرى بەزى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغان.

تاجىكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا 3 جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە.

تاجىكىستان، 2011‏-يىلى كامال ئۆمەرئوغلى، ئەخمەت رەشىد، ئابلىمىت داۋۇدئوغلى قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

قىرغىزىستان بۇ يىل 1‏-ئايدا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن، دەپ 33 كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت قازاقىستان سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قانچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت