خىتاي - تاجىكىستان قىسىملىرى تاجىكىستاندا مانېۋىر قالىماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بۇ ھەپتە ئاخىرى خىتاي - تاجىكىستان قىسىملىرى ئافغانىستان ۋەزىيىتى ۋە ئىسلام دۆلىتى تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشمە نامايىش قىلماقچى.

«دىپلومات» خەۋەرلەر تورىنىڭ 5 - ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىر تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدىكى تاغلىق مەشىق بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مانېۋىرغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن. مانېۋىرغا خىتاي تەرەپنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىدىن 100 گە يېقىن كىشى كېلىدىكەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۇ ھەپتە ئاخىرى دۈشەنبە شەھىرىگە كېلىپ مانېۋىرىنى كۆرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت