خىتاي تاجىكىستانغا بىر مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئاليۇمىن زاۋۇتى قۇرىدىكەن
2017.11.17
تاجىكىستان دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ تاجىكىستانغا بىر مىليارد 600 مىليون دوللار مەبغەل سېلىپ، بىر ئاليۇمىن زاۋۇتى قۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ تاغلىق دۆلەتكە بولغان ئىقتىسادى تەسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.
دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تاجىكىستان ئاليۇمىن شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئىگور ساتتاروف جۈمە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تاجىكىستاننىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى يۈننەن ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش لاھىيەلەش گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىقتا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاجىكىستاننى قەرز بىلەن تەمىنلىگۈچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ تاجىكىستانغا بەرگەن قەرز سوممىسى تاجىكىستان تاشقى قەرزىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇزۇندىن بېرى رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋىي ئارقا ھويلىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ تاجىكىستاننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىدىكى ئاجىز ھالقا دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئىگور ساتتار، ئاليۇمىن زاۋۇتىنىڭ تاجىكىستاننىڭ غەربىدىكى تۇرسۇنزادە دېگەن بازاردا قۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 500 مىڭ توننىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئاليۇمىن زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 500 مىڭ توننا بولسىمۇ، بىراق ھازىر يىلىغا ئاران 76 مىڭ توننا ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. لېكىن خەۋەردە مەزكۇر ئاليۇمىن زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنىڭ راگون سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ، يېتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىيەلمەسلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، تاجىكىستاننىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن يەنە 4 ئامېرىكا مىليارد دوللىرىغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.