خىتاي ئافغانىستاندىكى 1 تىرىليون دوللارلىق تەبىئىي بايلىققا كۆز تىككەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-25
Share

تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننى قولىغا ئېلىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي بىلەن ئۇچرىشىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بولسا، خىتاينىڭ ئۇلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

«بىلومبېرگ خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىن ئالدىراپ چېكىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خىتاينىڭ دىققىتى ئافغانىستاندىكى قىممەتلىك تەبىئىي بايلىققا مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي ئانالىزچىلىرى تالىباننىڭ قولىدىكى ئافغانىستاننىڭ بايلىقنى ئېچىش ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەرنى باشلىغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي تېلېفونلار ۋە ئېلىكتىرلىق ماشىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان نادىر توپا بىلەن لىتىي ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئافغانىستاندا بۇ تەبىئىي بايلىقلار مول ئىكەن، قىممىتى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن. ئۆتكەن 40 يىلدا ئافغانىستاندا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

ئەمدىلىكتە خىتاي بۇ قىممەتلىك بايلىققا كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، قوشنا دۆلەت پاكىستانغا سالغان 60 مىليارد دوللارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇ خام ئەشيالارنى قېزىش ۋە خىتايدىكى زاۋۇتلىرىغا توشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تولۇق مۇقىملىق ئورنىتىشى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت