تالىبانلار كاراچى خەلقئارا ئايرودرومىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.06.09

پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى، يەكشەنبە كۈنى كەچتە كاراچى جىنناھ خەلقئارا ئايرودرومىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھۇجۇمدا 20 نەچچە ئادەم ئۆلگەن.

تالىبان باياناتچىسى شاھىدۇللا شاھىدنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۇجۇم پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئافغان-پاكىستان چېگراسىدىكى تالىبان بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇ، دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن سىگنال. بىز ئۇلارنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ قويدۇق، دېگەن.

پاكىستان ئارمىيەسى يېقىندا ۋەزىرىستان قاتارلىق رايونلاردىكى تالىبان بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا ئۆزبېك، باشقا چەتئەللىك جىھادچىلارنى ۋە يەرلىك تالىبانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پاكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمى، 22‏-ماي ئۈرۈمچى شىمالىي باغچە يولىدىكى «ئەتىگەنلىك بازار» ھۇجۇمىدىن بىر ئاۋۋال يەنى، 21‏-ماي ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە 10 نەپەر قوراللىق تالىبان جىنناھ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ يۈك-تاقا زالىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 10 تالىباننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئادەم ئۆلگەن.

بىراق پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى رىزۋان ئاقتار، دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە سائەتلىك جەڭدىن كېيىن، ئايرودرومنى تولۇق كونترول قىلغانلىقى، تالىبان كۈچلىرىنى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.