خىتاي ئافغانىستاننىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى «شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە ئېتىراپ قىلىمىز» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى «شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە» ئافغانىستاننىڭ «قانۇنلىق ھۆكۈمىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئەنخۇي ئ‍ۆلكىسىدە ئ‍ۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ 31-مارت كۈنى ئاخىرلاشقان يېپىلىش مۇراسىمىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئافغانىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن يەكلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. خىتاي ھازىرغا قەدەر تالىبانلارنى ئافغانىستاننىڭ «قانۇنلىق ھۆكۈمىتى» دەپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تالىبانلار بىلەن ئىزچىل قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.

ۋاڭ يىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئ‍ىجابىي خاراكتېر ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قوشنا دۆلەتلەر تالىبانلارنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارا يارىشىش، كەڭ قاتلاملىق ھۆكۈمەت ھەمدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىشىنى كۈتىدىكەن. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇشىنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق چەكلەپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، تالىبانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەلگەن.

تالىبانلارمۇ ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە خىتايغا ۋەدە بەرگەن. مەزكۇر يىغىندا ۋاڭ يى يەنە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «داۋاملىق مەزمۇت قەدەم ۋە توغرا يۆلىنىشكە قاراپ كونكىرېت تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئافغانىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئامىر خان مۇتتاقى 31-مارت ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. رۇسىيە ئۇكرئىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.