ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تالىبانلارنىڭ «ش ت ئى ھ» بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-30
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئايرىشى ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر. فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەلەپنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئېيتقان.

ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ‍ئىزچىل ئافغانىستاندا توپلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكى، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق «بارلىق تېررورلۇق» تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئايرىشىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا قەتئىي ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۈتلۇقىغا ئائىت ئېنىق دەلىل بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گۇرۇھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق ئ‍ۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يېپىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىل ‍ئاۋۋال ش ت ئى ھ نى تېررورلۇققا باغلاشتا ئۇلارنىڭ تالىبان ۋە ئەل-قائىدە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەنىدى. لېكىن ئېلىجان ئىنايەت 30-‍ئاۋغۇست مۇخبىرلارغا ئافغان تالىبانلىرىنىڭ «رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاكتىپ رول ئوينىشى ۋە پايدىلىق شارائىت يارىتىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت