ستراتفور شىركىتى: «خىتاينىڭ ئارزۇلىرىغا غەرق بولغان تارىمدىكى بېھىش»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.18

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بولغان سۇ مەنبەسى ئىزچىل ھەر ساھە كىشىلىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئانالىز ۋە كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش ھەققىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن نام چىقارغان ستراتفور شىركىتى تەييارلىغان تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ رايون ئىقتىسادىدىكى رولىغا بېغىشلانغان دوكلات ئەنە شۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

17-سېنتەبىر كۈنى «فابيۇس ماكسىمۇس تورى»دا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ داۋاملىق تارىيىپ بېرىشى ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۆتمۈشتىكى تارىخنى قايتا تەكرارلىشى، بۇنىڭ بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلار يەر يۈزىدىن غايىب بولۇشى مۇمكىن، دېگەندەك بىر قاباھەتلىك سىگنالنى يوللىدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئاشلىق تېرىشتەك ئەنئەنە 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۆزگەرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايوندىكى بىڭتۇەنلەر خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان، رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق دەريالارنىڭ بىرى بولغان تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەنلەرگە ئاقتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى تارىيىپ، ئۇلاردىكى نارازىلىقنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا «گەرچە بۇ خىتاينىڭ مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى قوغدىشىدىكى تۇنجى ئۇرۇنۇشلىرى بولمىسىمۇ، ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى مۇشۇنداق ئۇزاققا ئېلىپ كېتىشنى داۋام قىلسا تارىم ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيە ئاخىرقى پەللىگە بېرىپ قالىدۇ» دېيىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.