تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە ئورۇنلاشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-07-21
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان 70 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 68.5 پىرسەنتى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە ئورۇنلاشقان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 52 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدا قالغان.
بىڭتۇەن ھەققىدە چىققان ئىلگىرى خەۋەرلەردە مەلۇم بولغىنىدەك، 1954-يىل قۇرۇلغان بىڭتۇەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇقتىلىق ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئىچكىرى خىتايدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە پاراۋانلىق بىلەن جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقانىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قېلىپ ماكانلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئالدى بىلەن بىڭتۇەندىن باشلاپ كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى خىتايلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكتە تەرەققىي قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىنى چەكلەپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ ئاجىز، بېقىندى ھالغا چۈشۈرۈش پىلانىنىڭ ئىجرائاتى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت