تارىم نېفىت شىركىتى ھازىرغىچە 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت قىزىۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تارىم نېفىت شىركىتى خىتاي دۆلەت نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق بولۇپ، مەزكۇر شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شىركەت خىتاي دۆلەت نېفىت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يىللىق ئومۇمىي نېفىت مىقدارىنىڭ 7 دەن بىر قىسمىنى، تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ 6 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

تارىم نېفىت شىركىتى 1989‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى يىلى 33 مىڭ 900 توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغان ئىدى. لېكىن تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت قۇرۇلغان يېقىنقى 30 يىلدا ئۇنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىددەتلىك كۆپىيىپ، ھازىر خىتايدىكى 3‏-چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان تارماق شىركەتكە ئايلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تارىم نېفىت شىركىتى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت قانداق ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر رايونى مول نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەبىئىي گاز-نېفىتلىك جايلاشقان 22 ناھىيە خىتايدىكى ئەڭ نامرات ناھىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بايلىقلارنى دۆلەت مونوپول قىلىۋېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، كىشىلىك تەرەققىياتى پايدىلىنىشىغا ھېچقانداق يول قويمىغان.

بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىم نېفىت شىركىتى 2017‏-يىلى 25 مىليون 400 مىڭ توننا نېفىت، 25 مىليارد 300 مىڭ كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2020‏-يىلغىچە يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 30 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت