خىتاي تارىم ئويمانلىقىدىكى 3 ئورۇننىڭ نېفىت قېزىش ھوقۇقىنى 27 مىليارد يۈەنگە ساتقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تارىم ئويمانلىقىدىكى 3 ئورۇننىڭ نېفىت قېزىش ھوقۇقىنى 27 مىليارد يۈەنگە ساتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك يەر بايلىقى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىگە تارىم ئويمانلىقىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ نېفىت قېزىش ھوقۇقىنى سېتىشقا بۇيرۇغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۆتكەن ئاينىڭ 5‏-كۈنى تارىم ئويمانلىقىدىكى 3 ئورۇننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش ھوقۇقىنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالغان. باھا تالىشىپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كەلپىن، ئونسۇ ۋە چەرچەن ناھىيەلىرى تەۋەلىكىدىكى 10مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن زېمىننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش ھوقۇقى شېننىڭ ئېنېرگىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى نېفىت، تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى، جوڭمېن نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاتارلىق خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى 3 خىتاي شىركىتىگە سېتىلغان.

خەۋەردە بۇ سودىنىڭ «ئاشكارا، باراۋەر ۋە ئادىل» بولغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشتىراكىنىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر سودىنى «ئادىللىق» بىلەن سۈپەتلەشنىڭ مەنتىقسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى مەزكۇر سودىدا ئۇيغۇر مەنپەئەتىنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتايدىكى «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» بىلەن بىر قىسىم خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت