خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي تۇرالارنى «سەددىچىننىڭ پارچىسى» دېگەن ۋە «سەددىچىن مەدەنىيەت باغچىلىرى» نى قۇرۇشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.14

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلارنىڭ تۇرا ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرىنى قەدىمقى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىستىراتېگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پارچىسى، دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە «مەدەنىيەت باغچىلىرى» غا ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ 2021-يىلى 10-ئايدا چىقارغان «سەددىچىن دۆلەت باغچىسى (شىنجاڭ بۆلۈكى) قۇرۇلۇشىنى قوغداش لايىھەسى» گە ئاساسەن يولغا قويۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە بۇ ئورۇنلارنىڭ «سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر پارچىسى» سۈپىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭ سەددىچىن مەدەنىيەت باغچىلىرى» غا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى، ئاندىن خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرالارنىڭ «سەددىچىننىڭ ئەڭ غەربىدىكى پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ سودا قىلغانلىقى، غەربىي رايونلارنى باشقۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغانلىقىنىڭ دەلىلى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورۇنلار «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى» ئىكەن.

بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرالارنى «سەددىچىننىڭ پارچىسى» دەيدىغان قاراشنى 1990-يىللاردا ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى بۇ قاراشنى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى رەت قىلىپ، رايوندا ئومۇمىييۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، رەسمى سىياسەتكە ئايلاندۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى 212 ئورۇن «سەددىچىن بايلىقى» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇنلار رايوننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىكىكى 40 ناھىيە ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق 5 دېۋىزىيەگە تارقالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.