خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا شەرھىلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەتتە يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا شەرھىلەشكە كىرىشكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان 1000 پارچە مەدەنىي يادىكارلىق قويۇلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تونۇشىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. بۇ يادىكارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ يېڭى ئېچىلغان «تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماشتىن سىرت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى مەنئى قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلارنى بىردەك چەكلىگەن، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن رومان، تارىخى كىتابلارنى مەنئى قىلغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2017‏-يىلى ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئارخېئولوگىيە يىغىنىدا چېن چۈئەنگو، «ئارخېئولوگىيە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە خىزمەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە توقۇلما بۇيۇملار، قەغەز پارچىسى، خۇرۇم، ساپال قاچا، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق بۇيۇملار قويۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 2018‏-يىلى خىتايدىكى 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ بىرى، دەپ قارالغان جىمىنەيدىن تېپىلغان قەدىمى ئىز، كۇچادىكى قەدىمى قەبرىدىن بايقالغان بۇيۇملار بارىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كۆرگەزمە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلىتىش، ئۇلاردا ئومۇميۈزلۈك خىتاي مەدەنىيىتى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت